Uyghur主要词典
توي تۆكۈن
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
«توي - تۆكۈن»ھەرخىل مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەرىكە، مۇراسىم.
ماتەم، مۇسبەت - ھازا
ئۆلۈم - يېتىم مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتىدىغان قارىلىق.
تويدا قۇشقاچمۇ تويىدۇ. تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار - تورقا كىيىپ بار. ھۇرۇنغا كۈندە توي، كۈندە ئوي. مۇسىبەت كۆڭۈلنى بۇزار، غەيۋەت ئۆيۈڭنى. توشقان ئۆلسە، تۈلكە ماتەم تۇتۇپتۇ. توي نەغمە - ناۋا بىلەن، مۇسىبەت يىغا - زار بىلەن. ھازىغا بارغان خوتۇن ئۆز يىغىسىنى يىغلار. توي - تۆكۈن بولۇپ تۇرسا، نەزىر - چىراق بولمىسا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تۈرلۈك توي مۇراسىملىرى ۋە بۇ مۇراسىملارغا تەئەللۇق ئۆرپ - ئادەتلەر.