Uyghur主要词典
توي
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. كاتتا مەرىكە.
ئات تويى.* بۆشۈك توي، خەتنە توي، سۈننەت توي.* توي خېتى، توي چېيى، توي قىلماق.* توي _ تۆكۈن.* تاز تارانغۇچە، توي تارقاپتۇ ( ماقال ).* تويدىن كېيىن ناغرا چاپتۇ( ماقال).
2. زور مۇراسىم، بەزمە. ئات ئۆلسە، ئىتقا توي ( ماقال ).* ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي ( ماقال .* شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىق تويىغا ئاتاپ چوڭ زىياپەت بېرىلدى. )
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
تويماق، تويۇش. 1. يەپ، ئىچىپ، ئاچلىق، تەشنالىقنى قاندۇرماق.
تويغۇچە يە، تەرلىگۈچە ئىشلە ( ماقال ).* يەپ تويمىغان يالاپ تويار ( ماقال ).* ئۆزى تويسىمۇ كۆزى تويماپتۇ ( ماقال ).* تويغا بارساڭ تويۇپ بار، بەش بالاڭنى قويۇپ بار ( ماقال ).* تويمىساڭ تويۇڭدا تويارسەن ( ماقال ).
2. بەزمەك، بىزار بولماق. يىرگىنمەك، زېرىكمەك. جاندىن جاق تويماق.* شۇ كۈنلەردە تويدىن تازا تويدۇم.* مەن ئۇنىڭ گېپىدىن تويۇپ كەتتىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوغۇل _ قىزنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشى ۋە باشقا مۇناسۋەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەرىكە.
« تۆكۈن » كېلىن ئاغىچىنىڭ مەلۇم ۋاقىتتا ئۆز ئۆيىگە قايتقاندىكى مەرىكە.
قىز تويى. خەتنە توي. تويدىن يامانلىساڭ، توي قىلىپ كۆر. توينىڭ بولغىنىدىن « بولىدۇ » سى قىزىق. تويغا بارساڭ، تويۇپ بار، بوز خالتاڭنى قويۇپ بار. كېلىن تۆكۈنلىسە، تويدىن قىزىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلار، بەگ - خوجاملار تۇرىدىغان ئالىپتە بىنالار.
گۇگۇڭ ئوردىسى: ئاق ئوردا. خاننىڭ ئوردىسى - ھەرىنىڭ ئۇۋىسى. مۇھەببەت ئاددىي ئۆينى ئوردا قىلار. قىزىل ساراي. قىشلىقى قايان باراي، يازلىقى ساراي سالاي. قارشى ئەھلى بىر - بىرىگە قارشىدۇر. <قىزىل راۋاقتىكى چۈش> تە تەسۋىرلەنگەن <داگۇەنيۈن> قەسىرى فېئوداللارنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەرخىل مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەرىكە، مۇراسىم.
ماتەم، مۇسبەت - ھازا
ئۆلۈم - يېتىم مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتىدىغان قارىلىق.
تويدا قۇشقاچمۇ تويىدۇ. تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار - تورقا كىيىپ بار. ھۇرۇنغا كۈندە توي، كۈندە ئوي. مۇسىبەت كۆڭۈلنى بۇزار، غەيۋەت ئۆيۈڭنى. توشقان ئۆلسە، تۈلكە ماتەم تۇتۇپتۇ. توي نەغمە - ناۋا بىلەن، مۇسىبەت يىغا - زار بىلەن. ھازىغا بارغان خوتۇن ئۆز يىغىسىنى يىغلار. توي - تۆكۈن بولۇپ تۇرسا، نەزىر - چىراق بولمىسا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قارارگاھ، قوشۇن قارارگاھى.
« خان توي _ خاننىڭ قارارگاھى» دېگەن سۆز شۇنىڭدىن ئېلىنغان. بۇنى ئوغۇزلار بىلمەيدۇ.
3 - 192
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توي ئوتى _ دورا قىلىنىدىغان بىر خىل ئوت.
3 - 193
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
لاي.
ساپال لېيى، ساپال ياسايدىغان لاي. « توي ئەشىچ _ ساپال قازان» دېگەن سۆزمۇ مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 193
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دوغداق.
« _ » ھەرپىنى «ى _ يا» غا ئالماشتۇرۇپ ئېيتىدىغانلارنىڭ تىلىدا شۇنداق دېيىلىدۇ. بۇنىڭ « توز» دەپ ئېيتىلىدىغان شەكلىمۇبار.
چىگىلچە.
3 - 193
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بايرام
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل قۇشنىڭ نامى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۇرمۇش قۇرغانلار شەرىپىگە مېھمان چاقىرىپ، زىياپەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تەبرىكلەش مۇراسىمى.
تويدىن يامانلىساڭ، توي قىلىپ كۆر (ماقال).
توي دېگەن بىزدە خۇشاللىق، خاتىرجەملىك، بەخت - ئاسايىشلىقنىڭ بەلگىسى.
بىرەر تارىخىي ۋەقە ياكى خاتىرە كۈنگە بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەت، تەنتەنىلىك مۇراسىم.
ئۇلۇغۋار سەن باتۇر ئارمىيەم، تەبرىكلەيمەن قۇتلۇق تويۇڭنى، چەكسىز ھۆرمەت ئىپتىخار بىلەن، تەقدىم ئەتتىم مۇشۇ كۈيۈمنى.
شاد - خۇراملىققا تولغان مەرىكە، بەزمە.
<ئاتنىڭ ئۆلۈمى ئىتقا توي> دېگەن شۇ ئىكەن - دە، سەن ھەيدەرئاكا بەش كۈنگىچە يېڭى ئۆيگە كۆچىسەن!