Uyghur主要词典
توغرۇلبېك
دۇنيا تارىخى
(؟ - 1063) سالجۇق ئىمپېرىيىسىنى قۇرغۇچى. سالجۇق تۈركلەرنىڭ ئاقساقىلى سالجۇقنىڭ نەۋرىسى. 1040 - يىلى دانداناچان (سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مارى دېگەن يېرىنىڭ ئەتراپى) دا غەزنەۋىيلەرنىڭ سۇلتانى مەسئۇدنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىراننىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن ھەمدە غەربكە قاراپ ئىلگىرلەپ ئىراقنى قولغا كىرگۈزگەن. 1055 - يىلى بۇيې خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، باغدادقا بېسىپ كىرىپ، ئابباسلار خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسنى ئۆزىگە سۇلتان ۋە <مەلكۇل مەشرىق ۋە مەغرىپ> دېگەن نامنى بېرىشكە مەجبورلاپ، سالجۇق ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان، رائى (ھازىرقى ئىراننىڭ شىمالىدا) نى مەركەز قىلغان.