Uyghur主要词典
توغرا كېسەر
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىر ئىشنى توغراقىلىپ ئايرىيدىغان، كەم - زىيادە قىلمايدىغان؛ ئادىل، ھەققانىي: ھاشىم ئەسلىدە دېھقانچىلىقنىڭ تىلىنى بىلىدىغان، باغ - ئورمان بىنا قىلىشقا ماھىر، ئىشلەمچى، چاكارلار بىلەن ھەمنەپەس، ھەق - ناھەق ئۈستىدە تىك تۇرىدىغان، توغرا كېسەر، ۋىجدانلىق ئادەم ئىدى،
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ياغاچنى توغرىسىغا توغرايدىغان (ھەرە ھەققىدە).
كۆچمە. توغرا قىلىپ ئايرىيدىغان، كەم - زىيادە قىلمايدىغان، ھەققانىي.
ھاشىمئاخۇن ھەق - ناھەق ئۈستىدە تىك تۇرىدىغان، توغرا كېسەر، ۋىجدانلىق ئادەم ئىدى.