Uyghur主要词典
تۆت چوڭ خەلىپە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 632 - يىلى ۋاپات بولغاندىن تارتىپ 661 - يىلىغىچە مۇسۇلمانلار ئۇممەسىنىڭ ھوقۇقىنى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلىدىن ئىبارەت تۆت خەلىپە تۇتۇپ كەلدى. سۈننىي مەزھىپى ئۇلارنى ئەنئەنىۋى خەلىپىلەر دەپ قارىدى. شىئە مەزھىپى بولسا، ھەزرىتى ئەلىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ <مەنىۋى مىراسى> ۋە <ماددىي مىراسى> غا ۋارىسلىق قىلالايدىغان، شەرىئەتكە ئۇيغۇن خەلىپە دەپ قارىدى.