Uyghur主要词典
تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېرلىن يىغىنى
دۇنيا تارىخى
سوۋېت ئىتتىپاقى،ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 1954 - يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە بېرلىندا يىغىن ئۆتكۈزگەن. 2 -ئاينىڭ 18 - كۈنى <سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە تۆت دۆلەت تاشقىئىشلار مىنىستىرلىرى بېرلىن يىغىنىنىڭ ئاخباراتى> ئېلان قىلىنىپ، تۆۋەندىكىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان: (1)جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى،ئامېرىكا، ئەنگىليە، فرانسىيە، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلار شۇ يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى جەنۋەدە يىغىن ئېچىپ،چاۋشىيەن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ۋە ھىندىچىنى تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ؛ (2) سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە تۆت دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. يىغىندا گېرمانىيە مەسىلىسى، ياۋروپا خەۋپسىلزىك مەسىلىسى ھەمدە ئاۋسترىيە مەسىلىسى قاتارلىقلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان، لېكىن ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان.