Uyghur主要词典
تۆشەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
توشك. ياستۇق، تەكىيە.
ئورۇن - كۆرپە:
بۇ بەخمەل تۆشەكدە ياتىپدۇر بىر ئىت،
تۇرار خىزمەتىدە بەش - ئالتە يىگىت.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ياتقاندا ئۈستىگە يېپىنىدىغان، ئولتۇرغاندا ئاستىغا سالىدىغان نەرسە. ئادەتتە تاش بىلەن ئەستەر ئىچىگە پاختا، يۇڭ، پەر سېلىپ تىكىلىدۇ.
<تۆشەك> ئومۇمىي نام.
<يېپىنچا>، <يوتقان> ئومۇمەن ئۈستىگە يېپىنىدىغىنى.
<سېلىنچا>، <كۆرپە> ياتقاندا ئاستىغا سې
يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن. قارا - قارا يەرنىڭ كۆرپىسى. كۆرپەڭنى قانداق سالساڭ، چۈشۈڭنى شۇنداق كۆرەرسەن. يەنى سېلىنچا، كۆكنى يېپىنچا قىلىپ كەلدىم. مېھمانغا يېكەنداز سال، كۆڭلىنى ئال.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
كۆرپە. مەسىلەن:
يۇقىرى بېقىپ ئاينى كۆردۈم،
چەرخى پەلەكتە.
تۆۋەن بېقىپ يارنى كۆردۈم،
مەخمەل تۆشەكتە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۆشەك، ئورۇن - كۆرپە.
1 - 503
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يايماق، سالماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كارىۋات
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يېتىش ئۈچۈن سېلىنغان ئورۇن - كۆرپە.
موماي قېلىن سېلىنغان تۆشەك ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتاتتى.