Uyghur主要词典
تۆش بېزى
بىئولوگىيە
<تىمۇس بېزى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆشنىڭ سەل ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ بىر خىل لىمفا ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. بالا تەنىدە تەدرىقىي ھالدا چوڭىيىپ جىنسى يېتىلگەندىن كېيىن رۇدىمېنتلىشىشقا باشلايدۇ. تۆش بېزى يەنە بىر خىل ئىچكى ئاجرالما بېزى بولۇپ، ئاجرالغان گورمونى <تىمىن> دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ رولى ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جىنسىي ئورگانلارنىڭ بالدۇر يېتىلىپ قېلىشىنى تورمۇزلاشتىن ئىبارەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقاتلار تۆش بېزىنىڭ ھايۋان تېنىنىڭ ئانتىتېلا ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، شۇڭا ئۇ مۇھىم بىرخىل ئىممۇنىتېتلىق ئورگان دەپ تونۇلماقتا.