Uyghur主要词典
تۆرۈتتى
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ياراتتى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۆرەتتى، تۆرەلدۈردى.
تەڭرى يالىڭۇق تۆرۈتتى _ تەڭرى ئادەمنى تۆرەلدۈردى. باشقا مەخلۇقلارنى تۆرەلدۈرسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ ( تۆرۈتۈر _ تۆرۈتمەك). ئوغۇزچىدا بىر نەرسىنى ئۆلچەمگە مۇۋاپىق تۈزىتىشكىمۇ « تۆرۈتتى» دېيىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تەڭرى ئاژۇن تۆرۈتتى چىغرى ئۇزۇ تەزگىنۈر
يۇلدۇزلارى چەركەشىپ تۈن كۈنئۈزە يۆرگەنۈر
«تەڭرى ئالەم ياراتتى، چىغرىق تىنماي ئايلىنۇر،
يۇلتۇزلىرى سەپ تارتىپ، كۈندۈزگە تۈن يۆگىلۇر.»
تەڭرى ئالەمنى تۆرەلدۈردى، پەلەك داۋاملىق ئايلىنىپ تۇرىدۇ، يۇلتۇزلىرى رەت - رەت تىزىلىپ، كېچىسى كۈندۈزنى ئوراپ تۇرىدۇ.
2 - 442