Uyghur主要词典
تۆرۈ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قانۇن، قائىدە، يوسۇن، نىزام، مۇراسىم، ئۆرپ - ئادەت: تۆرگ قازغاندى - ئۆرپ - ئادەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى؛ بەدۈك تۆرۈ تۇرغۇزدىلار - كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق يىل داۋامىدا ئۆگىنىپ، كۆنۈپ قالغان تەرتىپ، قىلىق، خۇي.
ئاغرىق قالار، ئادەت قالماس. ئادەت قېرىساڭمۇ كەتمەس، يۇساڭمۇ تۈگىمەس. زامان باشقا، قائىدە قاچان بولسا لازىم. ھەر يەرنىڭ ئۆز يوسۇنى بار. قائىدە - يوسۇننى بىلمەيدىغان ئۆيگە ئايالىڭنى ئاپارما. رىمغا بارساڭ، رىمنىڭ رەسىمىنى ئۆگەن. رەسىم - يوسۇن ئەخلاققا ياتىدۇ. ئوغۇل بالىنى خەتنە قىلماق _ سۈننەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«قانۇن» دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى ماقۇللىغان، «شەرىئەت» دىندا قوبۇل قىلىنغان، ئىجرا قىلىنىشى شەرت، مەجبۇرىي بولغان ھەرىكەت مىزانى.
قانۇن ئالدىدا ھەممە باراۋەر. قانۇن ئاجىز ئەلدە زار تۈگمەس. شەرىئەتنىڭ مىڭ بىر پۇتىقى بار. قول قولنى تونۇيدۇ، شەرىئەت يولنى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تورۇ، رەسىمىي - يوسۇن، قائىدە.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئېل قالىر تۆرۈ قالماس _ يۇرت قالار، تورۇ قالماس، يەنى يۇرت تاشلىنىپ قالىدۇ، رەسمىي - يوسۇن تاشلانمايدۇ. بۇ ماقال ئۆرپ - ئادەت، رەسمىي - يوسۇندا پېشقەدەملەرگە ئەگىشىشكە ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 305
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① قانۇنىي تۈزۈم؛ ② مۇراسىم
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① قانۇن؛ ② ئۆرپ - ئادەت، قائىدە، قائىدە - يۇسۇن
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① تۇغماق؛ ② تۆرەلمەك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ھايات قالماق؛ ياشىماق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەدىمدە قاڭقىل نامىدا ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ 12 جەمەتىدىكى بىر قەبىلە (بىر ئۇرۇق) نىڭ نامى.