Uyghur主要词典
تۆرەلمە بىخ
بىئولوگىيە
ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تۆرەلمىسىنى تەشكىل قىلغۇچى قىسىملارنىڭ بىرى. ئۇ تۆرەلمە بىخ ئۆسۈش نۇقتىسى ۋە يوپۇرماق ئىپتىدائىي ئاساسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا كەلگۈسى ئۆسۈملۈك تۈپى يەر ئۈستى قىسمىنىڭ ئىپتىدائىي تەنچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇق بىخلانغاندا تۆرەلمە بىخ ئۇزىراپ تۇپراقتىن چىقىپ ئۆسۈملۈكنىڭ غول ۋە يوپۇرماق سىستېمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە بىخى تۆۋەنكى تۆرەلمە ئوقىنىڭ ئۇچىغا، ئىككى پەللە يوپۇرماقنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلىشىدۇ. تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە بىخى تۆرەلمىنىڭ بىر يېنىغا جايلىشىدۇ. باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە بىخىنىڭ سىرتىدا بېگىز شەكىللىك قايچىسى بولۇپ، ئۇ تۆرەلمە بىخ غىلىپى دەپ ئاتىلىدۇ. تۆرەلمە بىخ غىلىپى ئۇرۇق بىخلانغاندا ئالدى بىلەن يەرنى تېشىپ چىقىپ، تۆرەلمە بىخىنىڭ تۇپراقتىن چىقىش جەريانىدا زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.