Uyghur主要词典
تۆرەلمە
بىئولوگىيە
يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۇخۇمدېنى ياكى ئۇرۇقىدىكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزۈلۈش، شۇنداقلا يېڭى بىر ئەۋلاد سپوروفىتنىڭ ئىپتىدائىي تەنچىسى. بەزى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇمى، ياردەمچى ھۈجەيرىسى ياكى تەتۈر پۇت ھۈجەيرىسىمۇ يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ. تۈگۈن مەركىزى ۋە تۈگۈن يېپىنچىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ھۈجەيرىلەرمۇ يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ، بۇنداق ھاسىل بولغان تۆرەلمە تۇراقسىز تۆرەلمە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ ھەر قايسى قىسىمىدىكى ھايات ھۈجەيرىلەر تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا تۆرەلمىسىمان تۈزۈلۈشنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ تۆرەلمىسىمان تەن دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمىسى ئىككى قۇتۇپلۇق (يىلتىز قۇتۇپى ۋە بىخ قۇتۇپى) تۈزۈلۈش بولۇپ، ئادەتتە تۆرەلمە بىخ، تۆرەلمە يىلتىز، تۆۋەنكى تۆرەلمە ئوق، پەللە يوپۇرماق قاتارلىق تۆت قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاز ساندىكى ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن، تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، ئادەمگىياھ، مامۇرانچېن، سوغۇگۈل قاتارلىقلار) نىڭ ئۇرۇقى يېتىلگەن ۋاقتىدا تۆرەلمىسى تېخى تولۇق يېتىلمەيدۇ ۋە يۇقىرىقى بىر قانچە قىسىمغا دىففېرېنسىيىلەنمەيدۇ. مۇخ ۋە پاپورتىنىكلارنىڭ تۆرەلمە تۈزۈلۈشىنى بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغاچقا ئۇلاردا يۇقىرىقى قىسىملار بولمايدۇ.
بىئولوگىيە
<ئېمبرىئون> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىندىۋىدلىق تەرەققىياتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ھايۋان تېنى. تۇخۇم سېرىقىدىن ئوزۇقلىنىشقا تايىنىدىغان تۇخۇم تۇغۇپ كۆپەيگۈچى ھايۋانلارنىڭ تۇخۇمىدىن چىقىشتىن بۇرۇنقى ئىندىۋىدى تۆرەلمە دېيىلىدۇ، ئادەم ۋە مۇتلەق زور كۆپچىلىك ئېمىتكۈچىلەرنىڭ تۆرەلمىسى ئانا تېنىنىڭ بالىياتقۇسىدا تەرەققىي قىلىپ ئۆسىدۇ ھەمدە كىندىك قانىلى ئارقىلىق بالا ھەمراھىغا تۇتىشىپ، بالا ھەمراھى ئارقىلىق ئانا تېنىدىن ئوزۇقلۇق ئالىدۇ. ئادەمنىڭ تۆرەلمىسى ئادەتتە ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچ ئايغىچە بولغان تېنىنى كۆرسىتىدۇ، كېيىنكى تېنى ھامىلە دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئانىلىق تەن ئىچىدە دەسلەپكى قەدەمدە پەيدا بولغان جانلىق تەن. ئۇ تۇخۇم ئۇرۇق قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يېتىلىدۇ.
پىلە قۇرتى ئۇرۇقىدىن شەكىللەنگەن قۇرتنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى ھالىتى.
كۆچمە. ئۈندۈرمە، بىخ.