Uyghur←Chinese主要词典
تېمۇر
تارىخ
帖木儿
tiē mù ér
دۇنيا تارىخى
帖木儿
tiē mù ér
(1336 - 1405) تېمۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇل ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. چاغااي خانلىقىنڭ ۋەزىرى بولغان. 1362-يىلى ئوڭ پۇتى زەخىملىنىپ ناكار بولۇپ قالغاچقا، <تېمۇر لەڭ> (پارسچە <ئاقساق تۆمۈر)> دېگەن مەنىدە( دېگەن لەقەم بىلەن ائتالغان، ياۋوپالىقلار ئۇنى بۇزۇپ تامېرلەن دەپ ئاتىغان. ئۇ 1370-يىلى غەربىي چاغاتاي خانلىقىنى يوقىىتپ، ماۋرائۇننەھر رايونىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنى ئۇلۇغ ئەمىر دەپ ئاتاپ، سەمەرقەندنى پايتەخت قىلغان. 1380-يىلدىن باشلاپ ئىران ۋە ئافغانىستاننى تارتىۋالغان، كېين يەنە جەنۇبىي كاپكاز ۋە مېسوپوتامىيە ۋادىسىنى بېسىۋالغان. 1388-يىلى خارەزمنى بويسۇندۇرغان. 1389، 1391، 1395 - يىللىرى قىيپچاق خانلىقىغا ئۈچ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ پايتەختى ساراي بورك قاتارلىق شەھەرلەرنى ۋەيران قىلغان. 1398 - يىلى شىمالىي ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ دېھلىنى ئىشغال قىلىپ، 100 مىڭ ئۇرۇش ئەسىرىنى قىرىپ تاشلىغان. 1399-يىلى كىچىك ئاسىياغا بېسىپ كىرگەن. 1402 ـيىلى ئەنقەرە جېڭىدە تۈركىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سۇلتان بايازىد Ⅰ نى ئەسىرگە ئالغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا 200 ىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلاپ جۇڭگوغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان، لېكىن سىر دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۈرۈش داۋامىدا ئاغرىپ ئۆلگەن. تېمۇرلەڭ ھەربىر جاينى ئىستېلا قىلغاندا ئەسىرگە چۈشكەن ھۈنەرۋەن، سەنئەتكار ۋە ئىلىملارنى سەمەرقەندكە ئېلىپ كېلىپ، سەمدەرقەندنى ئەينى ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت - سەنئەتنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرغان.
دىنى سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى
帖木儿
tiē mù ér
دىنى سۆزلۈكلەر
铁穆尔
tiě mù ěr