Uyghur主要词典
تېمپېراتۇرا سەزگۈسى
پسىخولوگىيە
بۇ سوغۇقلۇق سەزگۈسى بىلەن ئىسسىقلىق سەزگۈسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئايرىلىش چېكى (چېگرىسى) فىزىئولوگىيىلىك نۆل (°0) گرادۇس. بۇ ماھىيەتتە تېرىنىڭ تېمپېراتۇرسى بولۇپ، تېرمومېتردىكى نۆل گرادۇس (°0) قا ئوخشمايدۇ. كىشى بەدىنىدىكى فىزىئولوگىيىلىك نۆل گرادۇسمۇ بىر خىل ئەمەس: تىل ئاستىنىڭ ℃37، گەۋدىنىڭ ℃35، كىشى يۈزىنىڭ ℃33، قۇلاقنىڭ ℃26، غىدىقلىغۇچنىڭ تېمپېراتۇرىسى كىشىنىڭ فىزىئولوگىك نۆل گرادۇسدىن يۇقىرى بولسا، ئىسسىقىلىق سەزگۈسىنى قوزغايدۇ. فىزىئولوگىك نۆل گرادۇستىن تۆۋەن بولسا، سوغوقلۇق سەزگۈسىنى قوزغايدۇ. تېمپېراتۇرا سەزگۈسىنىڭ رېتسىپتورى تېرىدىكى سوغۇقنى سېزىش نۇقتىسى بىلەن ئىسسىقنى سېزىش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدەنگە تارقىلىشى بىر خىل ئەمەس: بۇرۇن، ئىككى مەڭىز، پېشانىدە كۆپرەك، يوتىدا ئازراق، ئالقانغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدە كۆپرەك بولىدۇ. بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىكى سوغۇقنى سېزىش نوقتىلىرىنىڭ سانى ئىسسىقنى سېزىش نوقتىلىرىنىڭكىدىن بىر نەچچە ھەسسە، ھەتتا 30 ھەسسىدىنمۇ ئارتۇق بولىدۇ. يۈز تېرىسىنىڭ تېمپېراتۇرا سەزگۈسى ئەڭ ئۆتكۈر بولىدۇ، پۇتنىڭ ئاجىزراق بولىدۇ. ھاۋا تېمپىېراتۇرىسى ℃28 ئەتراپىدا بولسا، كىشلەر تېمپېراتۇرىدىكى ℃0.7~0.5 قىچە بولغان ئۆزگىرىشنى پەرق ئېتەلەيدۇ. تېمپېراتۇرا يۇقىرىراق ياكى تۆۋەنرەك بولسا، توغرا پەرق ئېتەلمەيدۇ. تېمپېراتۇرا سەزگۈسىنىڭ مەركىزى چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى مەركىزىي ئېرىچىنىڭ ئارقا پۇرمىسىدىكى تېرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رايوندا بولىدۇ. تېمپېراتۇرا سەزگۈسىنى ئاڭ تەڭشەيدۇ، كۆرۈش، ئاڭلاش سەزگۈلىرىنى قوزغايدىغان غىدىقلىغۇچلار بىلەن كۆپ خىلدىكى شەرتلىك رېفلېكسلارنىڭ ھاسىل قىلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئىللىق رەڭلەر (قىزىل، جىگەر رەڭ، سېرىق رەڭلەر) نى كۆرگەندە كىشى ئىسسىقلىق ھېس قىلىدۇ، ئاق رەڭگە قارىغاندا سالقىنلىق ھېس قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ رولىدىن بولىدۇ.