Uyghur主要词典
تېما
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نۇتۇق، كىتاب، ئەسەر، ماقالىنىڭ نامى.
ماۋزۇسىغا قاراپ مەزمۇنى. تېمىنى ياخشى ئويلاپ بېكىتىش، نۇتۇقتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كىتابنىڭ سەرلەۋھەسى چىرايلىق يېزىلىپتۇيۇ، ئىچى ئەمەس ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
ئىلمىي تەكشۈرۈش، سۆھبەت، پىكىر، مۇلاھىزە قاتارلىقلاردا مۇھىم نۇقتا قىلىنغان مەسىلە، ئوبيېكت.
ئولتۇرۇش ئولتۇرۇش قىزىغانسېرى سۆھبەتنىڭ تېمىىسى تېز - تېز ئالماشتى.
بەدىئىي ئەسەر، ماقالە، نۇتۇقلارنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئومۇملاشتۇرۇپ تاللانغان ماۋزۇ، سەرلەۋھە؛
ئورنىدىن تۇردى ئۇ، دولقۇنلاپ كۆكسى، خىيالچان ئولتۇردى رويال ئالدىدا. قەلەمنى ئالدى - دە، كەلدى ئېسىگە، جەڭگىۋار بىر تېما >كارۋان يولىدا<.
>ئەد< يازغۇچى تاللىغان ۋە تەسۋىرلىگەن تۇرمۇش ۋەقەلىرى، ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە يورۇتۇلغان مەسىلىلەر.
مۇزەپپەرنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرى ھەممە يەردە ھېكايە قىلىنىپ، يېڭى - يېڭى تېمىلارغا ماۋزۇ بولدى.
>مۇز< مۇزىكا ئەسەرلىرى ياكى ئۇنىڭ بىرەر قىسىمغا ئاساس بولغان ئاھاڭ؛ كۈي.