Uyghur主要词典
تىلسىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
فىزىئولوگىك كەمتۈكلۈك ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن گەپ قىلالماس بولۇپ قالغان.
«يابا» خەنزۇچە: 哑巴
گاچا چۆچۈرە يېسە، ئىچىدە ساناپ يەر. گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلەر. گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن. تىلسىزدىن گەپ سورىما، بىغەرەزدىن شەپقەت. يابا يامانلاشنى بىلمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تىلى يوق، تىلغا ئىگە بولمىغان.
ئۇ تىلسىز، پۇت - قولسىز غەلىتە مەخلۇق، ھېچ يەردە توختىماي ئاققىنى ئاققان.
سۆزلەش قابىلىيىتىگە ئىگە بولمىغان، گاچا.
گەپ، سۆز بىلەن ئىپادىلەنمىگەن، تىل ئىشلىتىلمىگەن.
تىلسىز تىياتىر.