Uyghur主要词典
تىلسىمات
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تىلسىملار، جادۇلار:
ئېرۇر بۇ شەھرنىڭ ئىچى تىلسىمات،
كىشى كىرسە ھەرەىز تاپالماس نىجات.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. سېھىر - جادۇ قىلىش، سېھىر - جادۇ قىلىنغان نەرسە.
سەن ئاشۇ تاغقا بارالىساڭمۇ، تىلسىماتقا كۈچۈڭ يەتمەيدۇ.
سۈپ. سىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان، سىرلىق.
بۈگۈن ئۇنىڭ چىنىسىغا چاي قۇيۇپ بېرىۋاتقان مەھبۈبى ئايىمخان دەل شۇ شائىرنى ئۆزتەندۈرگەن تىلسىمات قىزنىڭ ئۆزى ئىدى.
ئى. كۆچمە. سىرى ئېچىلمىغان، كىشىلەر بىلىپ يەتمىگەن ئاجايىپ - غارايىپ نەرسە ۋە شۇنداق جاي.
ئۇ ئورمانلىق ھەقىقەتەن بىر تىلسىمات ئىكەن.