Uyghur主要词典
تلانسىپادانۇ جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فرانسىيە ئىتالىيىدە قۇرغان جۇمھۇرىيەت. پۇ دەرياسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقانلىقتىن دەريانىڭ شىمالىدىكى جۇمھۇرىيەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1796-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى ئىتالىيىدىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، ئىتالىيىدە مىللىي ھەرىكەت دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. شۇ يىلى 12-ئايدا مىلان، برېسىيە ۋە باشقا شەھەرلەر بىرلىكتە تلانسىپادانۇ جۇمھۇرىيىتىنى تەشكىل قىلغان. فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنى تەقلىد قىلىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولغان بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. 1797-يىلى 7-ئايدا كىسپادانۇ جۇمھۇرىيىتى بىلەن قوشۇلۇپ جەنۇبىي ئالىپ تېغى جۇمھۇرىيىتى بولغان.