Uyghur主要词典
تەئالا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈن »، « ئۇ ئالىيجاناب » دېگەنلىك بولىدۇ. تەقۋادار مۇسۇلمانلار سۆز قىلغاندا ياكى پاراڭلاشقاندا، ھەر قېتىم ئاللانىڭ گۈزەل ئىسمىنى تىلغا ئالغان ھامان بۇ كەلىمە سانانى ھۆرمەت بىلەن زىكرى قىلىپ، ئاللاغا بولغان چەكسىز ھېيىقىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىمام مۇسۇلمانلارغا ۋەز ئېيتقاندا ئاللانىڭ گۈزەل ئىسمىنى ئۈزلۈكسىز تىلغا ئېلىپ تۇرغانلىقتىن، « تەئالا » سۆزىمۇ ئەڭ كۆپ تەكرارلىنىدۇ. مەسىلەن، « ئاللا تەئالا بىرنى روزا تۇتۇشقا، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ »، « مۇسۇلمانلار ئاللا تەئالانىڭ < قۇرئان كەرىم > دىكى تەلىملىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز لازىم » دېگەندەك سۆزلەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. خەنزۇ تىلى ئىشلىتىدىغان مۇسۇلمانلار ئاللانى « پەرۋەردىگار » دەيدۇ. شىنجاڭدا ياشايدىغان تۈركىي تىلى سىستېمىسىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى پارس تىلىنى قوللىنىپ، « ئاللا » نى « خۇدا » دەيدۇ. شۇڭا، « ئاللا تەئالا»، « خۇدا تەئالا » دېگەن سۆزلەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.