Uyghur主要词典
تىك
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
يۇقىرىغا قاراپ تۈپتۈز ئورۇنلاشقان، ئېگىلمەي، قېيىشماي تۇرغان.
تىك يار.* تىك تاغ.* تىك سىزىق.* تىك بۇلۇڭ.* تىك قۇدۇق.* تىك تۇرۇپ ئۆلگەن دۇرۇس، تىز پۈكۈپ تۇرغان نۇمۇس ( ماقال ).* مېۋىسىز دەرەخ بېشىنى كۆتۈرەر تىك، مېۋىلىك شاخ بېشنى سالامغا ئېگىك.* كۆڭۈل بەرمەستىن ئاۋۋال سىناپ باق، تىكمۇتىك تۇرالماس ئايىغى چولاق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تىكمەك، تىكىش. 1. تىك ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرماق.
كۆچەت تىكمەك.* چېدىر تىكمەك.* بىرنى كەسسەڭ، ئوننى تىك ( ماقال ).* چىلاننى چۆلگە تىك، ئەنجىرنى كۆلگە ( ماقال ).* دەرەخ ئورنىغا گەر تىكسەڭ تىكەن، شۇنداق تىكەن ئىككى گۈل بەرسە ئىكەن.
2. يىپ _ يىڭنە بىلەن تۇنەپ، تەپچىپ بىر _ بىرىگە چېتىپ جىپسىلاشتۇرماق ۋە شۇنداق كېرەكلىك ھالغا كەلتۈرمەك. كىيىم تىكمەك.* كەشتە تىكمەك.* تاغارنىڭ ئاغزىنى تىكمەك.* ئۆتۈك تىكمەك.* يىڭنە تىكمەيدۇ، قول تىكىدۇ ( ماقال ).
قىلىچتىن يىڭنە كۆپ ياخشىدۇر ئەلۋەت،
ئۇ يىرتار، تىكەر، قىلماس جاراھەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىقىلماي، ئېگىلمەي تۇرغان ھالەت
بوش تاغار ئۆرە تۇرماس. ئولتۇرۇپ ئىش قىلساڭ، تىڭ تۇرۇپ دەم ئال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. يۇقىرىغا قاراپ تۈپتۈز ئورۇنلاشقان، تىكلەنگەن.
تىك چوققا.
تىك تۇتماق.
ئى <مات> ئىككى تۈز سىزىق ئۆزئارا كېسىشىپ تىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلغاندا، بۇ ئىككى تۈز سېزىق بىلەن بىر تەكشىلىكنىڭ ياكى ئىككى تەكشىلىكنىڭ تىك بولىدىغانلىقىغا كېڭەيتىشكە بولىدۇ.
سۈپ. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يانتۇلاشماي، قىيالاشماي چۈشكەن ۋە شۇنداق ئويۇلغان، كولانغان.
تىك قۇدۇق. تىك قىيا. تىك پەلەمپەي.
رەۋ. تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئۇدۇل، تۈپتۈز، رۇس، ئېگىلمەي.
تىك ئولتۇرماق. باشنى تىك تۇتماق.
رەۋ. تىكىلگەن ھالدا.
كىچىكئاخۇن: - مەن كۆتۈرە ئالاي، - دەپ قۇدرەتئاخۇنغا تىك قارىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
كىچىك ۋە قاتتىق بىر نەرسىنى يەنە بىر قاتتىق نەرسە ئۈستىگە تەگكۈزۈش، چىكىش، تاشلاشتىن چىققان ئاۋاز.