Chinese→Uyghur主要词典
体温调节
بىئولوگىيە
بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ نىسىپىي مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان ھەر خىل فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشنىڭ ھەرىكەت ئارقىلىق تەڭشەش (<ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار> غا قارالسۇن) ۋە ئۆزلۈكىدىن تەڭشەشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بولۇپ، ئىككىلىسى ئۆزئارا ماسلىشىش ئارقىلىق ئورگانزمنىڭ چوڭقۇر قىسىملىرىنىڭ تېمپېراتۇرىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. بەدەندە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى ئەڭ كۆپ ھاسىل قىلىدىغان ئورگانلار جىگەر ۋە مۇسكۇللاردىن ئىبارەت. جىگەر ئورگانىزمدىكى مېتابولىزمى كۈچلۈك ئورگان بولغاچقا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ھاسىل قىلىشى كۆپ بولىدۇ. ئىسكىلىت مۇسكۇللىرىنىڭ ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىقى ئادەم بەدىنىدە ئادەتتىكى ھاسىل قىلىنىدىغان ئومۇمىي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ 25 پىرسەنت ئەتراپىنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن مۇسكۇللار جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا ئۇلارنىڭ ھاسىل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى نورمال قىممىتىدىن 10 ھەسسىدىن ئارتۇق ئېشىپ ئاساسلىق ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىغان ئورگانغا ئايلىنىدۇ. تېرە رادىئاتسىيە، ئۆتكۈزۈش، كونۋېكسىيە ۋە پارلاندۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى بەدەن سىرتىغا تارقىتىۋېتىدىغان ئاساسلىق ئىسسسىقلىق تارقىتىش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزى بولىدۇ، ئۇ رېتسېپتورلارنىڭ يەتكۈزگەن ئىنفورماتسىيىلىرىگە ئاساسەن، ئىنتېگراتسىيىلىگەندىن كېيىن نېرۋا قوزغىلىشىنى تارقىتىپ تېرىدىكى قان ئېقىش مىقدارىنى تەڭشەش ئارقىلىق تېرىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش مىقدارىنى ئۆزگەرتىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. تاشقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى ياكى مۇسكۇللارنىڭ جىددىي ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن بەدەندە ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پەقەت تېرىنىڭ قان ئېقىش مىقدارىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىش كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ چاغدا تەر بەزلىرى تەر سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ پارلىنىشنى كۈچەيتىدۇ ۋە بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ تارقىتىلىشىنى تېزلىتىدۇ. سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ كەتكەندە بولسا، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىي بىر تەرەپتىن تېرىدىكى قان ئېقىش مىقدارىنى كېمەيتىپ بەدەن ئىسسىقلىقىنى ساقلايدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن مۇسكۇللارنىڭ پائالىيىتىنى كۈچەيتىپ ھەتتا تىترەك پەيدا قىلىپ بەدەندىكى ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇش مىقدارىنى كۆپەيتىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزى مۇشۇنداق ئىسسىقلىق چىقىرىش مىقدارى بىلەن ئىسسىقلىق تارقىتىش مىقدارىنىڭ نىسىپىي مۇۋازىنىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق تەڭشەش تۈزۈلمىلىرىنىڭ تەڭشىشى ئارقىلىق ساقلايدىغان تەڭشەش شەكلى ئۆزلۈكىدىن تەڭشەش ياكى فىزىئولوگىيىلىك تەڭشەش دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى ھېچقانداق ھايۋانلارنىڭكىگە سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئادەملەردە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆزلۈكىدىن تەڭشەش تۈزۈلۈشى بولغاندىن سىرت يەنە ئاڭلىق ھەرىكەت ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەقىل - زېھنى يەنە ھەرخىل كىيىم - كېچەكلەرنى كەشىپ قىلدى، پەننىي ئۈسكۈنىلەرنى ياساپ، سۈنئىي كىماتلىق مۇھىتلارنى ياساپ، سۈنئىي كىلىماتلىق مۇھىتلارنى يارىتىپ ئۆزلىرىنى سىرتقى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەسىرىدىن ساقلاپ ئالاھىدە مۇھىت شارائىتى ئاستىدا خىزمەت قىلىش ۋە ياشاش ھەتتا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ كائىناتنىڭ سىرىنى تەكشۈرۈش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە قىلدى.
ئۇنىۋېرسال
tǐ wēn tiáo jié
بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىمەك