Chinese→Uyghur主要词典
体温
بىئولوگىيە
بەدەن تېمپېراتۇرىسى
ئادەم ۋە ھايۋانلار بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كۆرسىتىدۇ. بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئوكسىدلىنىپ قويۇپ بەرگەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنىڭ ئاز قىسمى ئورگانىزمنىڭ پائالىيىتىگە كېرەكلىك ئېنېرگىيە سۈپىتىدە پايدىلىنىلىدۇ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى بەدەندىكى ئىسسىقلىققا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. مانا بۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بەدەندە بەلگىلىك تېمپېراتۇرىنىڭ ساقلىنىشى ئورگانىزمنىڭ ھايات پائالىيىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم. بەدەندىكى مېتابولىزم ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان، ئېنزىم (فېرمېنت) كاتالىزاتورلۇقىدىكى بىئوخىمىيىلىك رېئاكسىيە ھېسابلىنىدۇ، ئېنزىملار بولسا، مۇۋاپىق تېمپېرتۇرا شارائىتىدىلا ئاندىن نىسبەتەن يۇقىرى ئاكتىپچانلىققا ئىگە بولۇپ، تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولسا ئاقسىل سۈپەت ئۆزگەرتىپ ئېنزىمنىڭ ئاكتىپچانلىقى يوقىلىدۇ، تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن بولسىمۇ ئېنزىمنىڭ ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى مېتابولىزمنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار مەسىلەن، يەر باغىرلىغۇچىلار، قوش ماكانلىقلارنىڭ قىش پەسلىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە مېتابولىزم نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەنلەپ مۇقىملىقنى ساقلاپ تۇرالمايدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە ئادەملەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدىغان تۈزۈلۈشلىرى بولۇپ، نىسپىي مۇقىملىقنى ساقلىيالايدۇ. ئۆي ھايۋانلىرىنڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى (توغرا ئۈچەي تېمپېراتۇرىسى) مەسىلەن ئاتنىڭ 5.37 - 2.38 سىلتسىيە گرادۇس، سۇ كالىسىنىڭ 0.37 - 5.38 سىلتسىيە گرادۇس، چوشقىنىڭ 0.38 - 0.40 سىلتسىيە گرادۇس بولىدۇ؛ ئۆي قۇشلىرىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىراق، توخۇ ۋە ئۆردەكنىڭ 3.40 - 7.41 سىلتسىيە گرادۇس بولىسۇ. ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلىرىدىن ئۆلچەنگەن سانلىق قىممىتى يەنە پەرقلىق بولىدۇ، توغرا ئۈچەينىڭ تېمپېراتۇرىسى 9.36 - 9.37 سىلتسىيە گرادۇس. ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى توغرا ئۈچەينىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن 2.0 - 3.0 سىلتسىيە گرادۇس تۆۋەن، قولتۇقنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن 3.0 - 5.0 سىلتسىيە گرادۇس تۆۋەن بولىدۇ. بەدەن تېمپېراتۇرىسى ياش، جىنس ۋە كېچە - كۈندۈزگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ، بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا سەل يۇقىرىراق، بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ قېرىلارنىڭكىگە قارىغاندا سەل يۇقىرىراق بولىدۇ؛ ئاياللارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش ياشتىكى ئەرلەرنىڭكىدىن سەل يۇقىرى بولىدۇ؛ بىر كېچە - كۈندۈزدىكى بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىمۇ ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ، ئادەم تاڭ سەھەردە ئۇخلاۋاتقان چاغدا تېمپېراتۇرىسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ئويغانغاندىن كېيىن تەدرىقىي ئۆرلەپ سائەت 17 - 19 غا بارغاندا ئەڭ يۇقىرى قىممەتكە يېتىدۇ، كېيىن يەنە تەدرىجىي تۆۋەنلەپ دەۋر خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىپادىلەيدۇ، ئۆزگىرىش دائىرىسى تەخمىنەن بىر سىلتسىيە گرادۇس ئەتراپىدا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولسا، ئورگانىزمدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كلىنىكىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشنىڭ بىر دەلىلى قىلىنىدۇ.
ئورمانچىلىق
tǐ wēn
بەدەن تېمپېراتۇرىسىDتېببىي
tǐ wēn
بەدەن تېمپېراتۇرىسى، بەدەن ھارارىتىDئۇنىۋېرسال
tǐ wēn
بەدەن تېمپېراتۇرىسى