Uyghur主要词典
تيەنتەيشەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
领域: جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلارتيەنتەيشەن داڭلىق مەنزىرىلىك رايون − جېجياڭ ئۆلكىسى تيەنتەي ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدا، كۆلىمى105 كۋادرات كىلومېتىر. تيەنتەيشەن تېغى شيەنشيالىڭ تاغ تىزمىسىغا تەۋە، ئاساسىي چوققىسى خۇادىڭشەن دېڭىز يۈزىدىن 1110 مېتىر ئېگىز. مەنزىرىلىك رايوندا تىك قىيالار ۋە ھاڭلار بار، تاغ چوققىلىرى تۇتىشىپ كەتكەن، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قويۇق ئۆسكەن، جىلغىلاردىكى سۇلار شارقىراتمىلاردىن ئېقىپ تۇرىدۇ. ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن خۇادىڭشەن تېغى، شۇيجۇليەن (سۇ پەردە)، شيەنرېنزو (ئەۋلىيا سۇپىسى)، زىيۈندۇڭ غارى قاتارلىقلار بار. تيەنتەيشەندە ئۆسۈملۈك خىللىرى كۆپ، تيەنتەي ئاپېلسىنى بۇرۇندىن داڭلىق، ليۇجىن كاككۇكى تاغنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان، چاي ۋە كۆپ خىل جۇڭيىچە دورا ماتېرىياللىرى چىقىدۇ. تيەنتەيشەن تېغى شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئېچىلغان، سۇي سۇلالىسى دەۋرىدىكى پىر - ئۇستاز جىكەي ئىبادەتخانا سېلىپ، بۇددا دىنى
«تيەنتەي مەزھىپى» نى ياراتقان. ھازىر گوچىڭ، گاۋمىڭ، فاڭگۇاڭ قاتارلىق قەدىمىي ئىبادەتخانىلار بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە گوچىڭ ئىبادەتخانىسى دائىرىسىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەبرىلەر، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى باۋئېن مۇنارى، دەۋرلەردىن بۇيانقى قىيا تاش ئويمىلىرى، ئابىدىلەر ۋە بۇت قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. چىچېڭشەن غارى تويىن دىنىدىكىلەر تېۋىنىدىغان10 چوڭ غارنىڭ بىرى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。