Uyghur主要词典
تيەنجىن جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى تيەنجىن شەھىرىدىكى خۇڭچاۋ رايونىنىڭ غەربىي شىمال بۇلۇڭىدا، بۇ مەسچىت 1644 - يىلى سېلىنغان. 1704 - يىلى كېڭەيتىلگەن. كېيىن كۆپ قېتىم كېڭەيتىلىپ رېمونت قىلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 6 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىڭ 200 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. مەسچىت ئىچىدە دالدا تام، دەرۋازا راۋىقى، نامازخانا، دەرسخانا، سەراپ قاتاەرلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە نامازخانا لەمپە شەكلىدىكى بىنا بولۇپ، تۆت تەرىپى يانتۇ شەكىللىك چوڭ ئۆيلەردىن ئىبارەت. ئۆگزىسىگە بەش راۋاق سېلىنغان ئارقا خانىقا بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن ھەمدە ئىككى چېتىدە كارىدور بار. بەش راۋاقنىڭ بىرى سەككىز بۇرجەكلىك، قالغانلىرى ئالتە بۇرجەكلىك قىلىپ ياسالغان. نامازخانىنىڭ لىم - تۈۋرۈكلىرىگە ئەرەبچە ۋە خەنزۇچە خەتلەر يېزىلغان تاختا ۋە مەسنەۋىلەر ئېسىلغان. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان. بۇ مەسچىتتە «قۇرئان كەرىم» نىڭ 1.1*2.2*3.5 سانتىمېتىر ۋە 1 1.8*2.2 سانتىمېتىر كىچىكلىتىلگەن نۇسخىلىرى ساقلانغان.