Uyghur主要词典
تېگىشمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىگە نەرسە بېرىش؛ تاۋارنى تاۋارغا بېرىش.
تېگىشسەڭ، تۈگىشىسەن. مال ئالماشتۇرۇش سودىنىڭ بىر تۈرى. ئايرىۋاشلىغاندىن ئايرىلىسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئالماشتۇرماق، يەڭگۈشلىمەك.
ئۇ، تاغىل ئۆكۈزنى كۆرسىتىپ: - ئەگەر ماقۇل بولساڭلار، مۇشنىڭغا 450 سوملۇق تېلېۋىزوردىن بىرنى باشمۇباش تېگىشىمىز، - دېدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تەگمەك> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
- بۇ يەردىن يوقىلىش، بۇ نەرسىلەرگە تېگىشمە، - دېدى قارىي ئاكام بالىلارغا ۋارقىراپ.
ئۆزئارا تېگىپ تۇرماق.
سۆگەتنىڭ يەرگە ساڭگىلىغان شاخلىرى سۇغا تېگىشىپ تۇراتتى.