Uyghur主要词典
تېگىشلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مەلۇم بىر تەلەپكە مۇۋاپىق، لايىق، ماس كېلىدىغان.
ئۇنىڭغا ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق تېگىشلىك جاۋابلار بېرىلدى.
زۆرۈر بولغان، لازىم بولغان.
بۇ ئورۇن قەتئىي ئىشغال قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم جاي ئىدى.
تەۋە، تەئەللۇق.
مەنمۇ ئۆزۈمگە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئەكەتتىم.
مۇناسىۋەتلىك، ئالاقىدار.
ئەكەلگەن نەرسىلەرنى تېگىشلىك جايلىرىغا قويۇپ بولۇپ، ھاممالغا ئىككى تىللا بېرىپتۇ.
بەلگىلىك، مۇئەييەن.
تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشىمىز لازىم.
تەقسىم بولغان، بۆلۈنگەن.
ئاسىم دەرس ئۈستىدە شىرەلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، بىر بالىنىڭ شىرەنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنىڭ ئۈستىنى <قارا> بويىۋالغانلىقىنى كۆردى.