Uyghur主要词典
تەرتىپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەشكىلات، جەمئىيەت رىئايە قىلىشقا بەلگىلەنگەن دەرىجە، قائىدە - يوسۇن.
تەرتىپنى سەن تاپمىساڭ، تەرتىپ سېنى تاپىدۇ. ئىنتىزام ۋاقتىنى قەدىرلەشكە ئۆگىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
شەيئىلەرنىڭ مەلۇم ھالەتتە جايلاشتۇرۇلۇشى، تىزىلىشى؛ رەت، قاتار.
ئېلىپبە تەرتىپى.
تەرتىپ سان.
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئۇرۇندىلىش جەريانىدىكى ئىزچىللىق.
ئۆيدە سائەتنىڭ بىر تەرتىپتە چىكىلدىشىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى.
شەكىللەنگەن، تۇرغۇزۇلغان قائىدە - تۈزۈم؛ ئىنتىزام.
قاتناش تەرتىپى. دەرس تەرتىپىنى ساقلىماق.
مەلۇم قائىدە - تۈزۈم، قانۇنلارغا ئۇيغۇن ھالەت.
تەرتىپكە سالماق.