Uyghur主要词典
تەر بېزى
بىئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا بولىدىغان بىرخىل ئالاھىدە تېرە بېزى. ئۇ شاخلانمىغان نەيچىسىمان <تەر تۆشۈكى> ئارقىلىق بەدەن سىرتىدىن ئېغىز ئاچقان، ئىچكى ئۇچى ئەگرى - توقاي بولۇپ، ئاجرىتىش رولىغا ئىگە قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھەقىقىي تېرىگە چوڭقۇر جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىنى كاپىلليار قان تومۇرلار ئوراپ تۇرىدۇ. تەر بېزىنىڭ رولى قاندىكى تۇز، سۇ ھەمدە ئۇرېيە، سۈيدۈك كىسلاتاسى، سۈت كىسلاتاسى قاتارلىق مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىۋېتىشتىن ئىبارەت. ئادەم تېنىنىڭ ھەممە يۈزىدە دېگۈدەك تەر بەزلىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئالىقان ۋە تاپاندا ئەڭ كۆپ، لېكىن ئەمچەك توپچىسى، كالپۇك گىرۋىكى، زەكەر بېشى قاتارلىق جايلاردا تەر بېزى بولمايدۇ.