Uyghur主要词典
تەنھەرىكەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي كۈچنى تەرەققىي قىلىدۇرۇپ، ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلغان ۋە تۈرلۈك ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان سىستېمىلىق تەلىم - تەربىيە.
ئەمگەك ئادەمنىڭ بەختىنى ئاچىدۇ، تەنتەربىيە ئادەمنىڭ ھۆسنىنى ئاچىدۇ. مەملىكەتلىك 2 - نۆۋەتلىك شەھەرلەر تەنھەرىكەت يىغىنى 20 - سېنتەبر تاڭسەن شەھەرىدە باشلاندى. ئىسپورت ئادەمنى كۈچەيتىدۇ، ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەن + ھەرىكەت
ئىسىم
تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئاساسىي مەزمۇن ۋە ئۇسۇل. ئۇ بەدەننىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە بەدەننىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك چېنىقىش ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.