Uyghur←Chinese主要词典
تەم تۈگمىسى
پسىخولوگىيە
味蕾
wèi lěi
بۇ تىل ئۈستى، يۇتقۇنچاق كەينى، تاڭلاي ۋە كىكىردەك قاپقىقىغا جايلاشقان تەم رىتسىپتورىدىن ئىبارەت. ئادەم تىلىنىڭ ئۈستىدە 500 مىڭچە سايۋا ئۈزۈمسىمان تەم ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ. 40 -60 غىچە بولغان تەم ھۈجەيرىسىدىن بىر تەم تۈگمىسى شەكىللىنىدۇ. ھەر بىر تەم تۈگمىسى تەم ھۈجەيرىلىرى بىلەن ئۇنىڭ سىرتىدىكى تايانچ ھۈجەيرىلەردىن تەشكىللىنىدۇ. تەم تۈگمىلىرى تەم تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق تىل يۈزى بىلەن تۇتۇشىدۇ. تەم تۆشۈكچىلىرى ئىنچىكە بويۇنلۇق بوتولكىسىمان بولىدۇ. تەم ھۈجەيرىسىنىڭ چوققىسىدىكى تەم تۆشۈكچىسىدە بارماقسىمان تۈكچىلەر بولىدۇ. مانا بۇ تەم قوبۇللىغۇچ تەنچىدىن ئىبارەت. ھەر بىر تەم تۈگمىسى شىللىق پەردىنىڭ ئېپتېلىي توقۇلمىسىغا تارالغان بولۇپ، ئۇلاردىن تىل يۈزىدىكى بۈدۈرلەر ھاسىل بولغان. تەم غىدىقلىغۇچلىرى ئېرىگەندىلا، ئاندىن تەم تۆشۈكچىسى ئارقىلىق شۆلگەي بىلەن ئېقىپ كىرىپ، تەم ھۈجەيرىسىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى نېرۋا ئۇچلىرىغا تېگىپ تەم سەزگۈسىنى قوزغايدۇ. يېمەكلىك بەك قۇرغاق بولسا، ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن تىل ئۈستىدە تۈرلۈك تەنچىلەر پەيدا بولسا، تاماق تەمى ئېغىزغا تېتىماي قالىدۇ. ئاداشقان نېرۋا شاخلىرىنىڭ كىكىردەك ئۈستىدىكى نېرۋىلار يۇتقۇنچاق، كىكىردەك، كىكىردەك قاپقىقى ۋە تىل كەينىنىڭ بىر قىسمىدىكى تەم تۈگمىلىرىنى ئىدارە قىلىدۇ. تىل، يۇتقۇنچاق نېرۋىسى تىل كەينىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىدارە قىلىدۇ. تىل ئاستى نېرۋىسى ۋە يۈز نېرۋىسىنىڭ تارمىقى بولغان ناغرا تاناپ نېرۋىسى تىل ئالدى تەرەپتە ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىدارە قىلىدۇ. ئەگەر تەم تۈگمىسى بىلەن مەلۇم نېرۋا باغلىنىىشى ئۈزۈلۈپ قالسا، مەلۇم جايدىكى تەم تۈگمىلىرى قورۇلۇپ كېيىن تامامەن يوقايدۇ.