Uyghur←Chinese主要词典
تەمتەكلىك سودا
دۇنيا تارىخى
勘合贸易
kān hé mào yì
ياپونىيىدىكى موروماچى دەۋرىدە مىڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن كېمىلەر تەمتەك ئېلى مىڭ سۇلالىسى بىلەن قىلىدىغان ھۆكۈمەت تەرەپ سودىسى. ماللار تارتۇق بۇيۇملار، قوشۇمچە بۇيۇملار ۋە كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ تارتۇق قىلىدىغان بۇيۇملىرى دېگەن ئۈچ خىلغا بۆلۈنگەن. مىڭ سۇلالىسى ئەۋەتىلگەن كېمىلەر تەمتەك ئېلىپ مىڭ سۇلالىسى بىلەن قىلىدىغان ھۆكۈمەت تەرەپ سودىسى. تارتۇق بۇيۇملار، قوشۇمچە بۇيۇملار ۋە ىچىك ئەمەلدارلارنىڭ تارتۇق قىلىدىغان بۇيۇملىرى دېگەن ئۈچ خىلغا بۆلۈنگەن. مىڭ سۇلالىسى خانى تارتۇققا ياندۇرۇق قىلغان. قوشۇمچە بۇيۇملار سىياگۈنلەر، ئىبادەتخانىلار ۋە چوڭ فېئوداللارنىڭ ماللىرىنى، شۇنىڭدەك سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇ سودىنىڭ ئاساسىي قىسمى بولغان. كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ تارتۇق قىلىدىغان بۇيۇمىلرىنى مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى باھا قويۇپ سېتىۋالغان. 1404-يىلى (ياپونىيىدىكى يىڭيۇڭنىڭ 11-يىلى، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلېنىڭ 2-يىلى) 4-ئايدا، مىڭ سۇلالىسى ئەلچىسى جاۋ جۇرېن ياپونىيىگە بېرىپ، 100-نومۇرلۇق تەمتەك ۋە <ياپون> بەلگخلىك تىزىملىكنى شوگناتقا تاپشۇرغان (يەنە بىر 100 - نومۇرلۇق تەمتەك ۋە <ياپون> بەلگىلىك تىزىملىك بىلەن <كۈتەك> بەلگىلىك بىر تىزىملىك بېيجىڭدىكى مۇراسىم ۋازارىتىدە ساقلانغان، يەنە بىر <كۈتەك> بەلەخلىك تىزىملىك جېجياڭنىڭ پەرمان بەردارىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن). شۇ يىلى 7-ئايدا، مىڭ سۇلالىسى ئەلچىسى ۋەتەنگە قايتقاندا، ئاشىكاگو راھىب مىڭشى فەنلياڭنى ئاپىرىپ قويۇشقا ئەۋەتكەن. بۇ بىرىنچى قېتىمىلق تەمتەكلىك سودا. 1410-يىلغىچە تەمتەكلىك سودا ئالتە قېتىم ئېلىپ بېرىلغان. 1419-يىلدىن تارتىپ ئۈزۈلۈپ قالغان، 1432-يىلى (ياپونىيىدىكى يۇڭخېڭنىڭ 4-يىلى، مىڭ سۇلالىسىسى شۇەندېنىڭ 7-يىلى) غا كەلگەندە سودا يەنە ئەلىگە كەلگەن؛ 1547-يىلى (ياپونىيىدىكى تيەنۋېننىڭ 16-يىلى، مىڭ سۇلالىسى جياجىڭنىڭ 26-يىلى) غىچە يەنە 11 قېتىم ئېلىپ بېرىلغان. ماللار ئىچىدىكى قىلىچ - نەيزىلەرنى مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى سېتىۋالغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گۈڭگۈرت، ساداق، مىس ۋە مىس قورال، يەلپۈگۈچ ۋە ھەل بېرىلگەن ئەسۋابلار بار. مى سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەڭگە پۇل بىلەن قەغەز پۇلنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىنى قوللانغا. جۇڭگودىن ئېلىپ ماڭغان ماللارنىڭ ئىچىدە مىس تەڭگە، دورا ماتېرىياللىرى، خام يىپەك، فارفور قاچىلار، سۈرەت قاتارلىقلار بار. 1523-يىلى سودىنى ھۆددىگە ئالغان چوڭ فېئوداللار، ئوئوئوچى كېمىلىرى بىلەن خوسوكاۋا كېمىلىرى يېتەكچى ئورۇننى تالىشىپ، نىڭبودا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، ئامانلىققا تەسىر يەتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى چەكلەشكە مەجبۇر بولغان. قوشۇمچە بولىدىغان خۇسۇسلار سودىسى نىڭبودا ياكى بېيجىڭدىكى خۇيتۇڭگۇەندە ئېلىپ بېرىلغان. 1551-يىلى ئوئوئۇچى ئاكى ئۆلگەندىن كېيىن جۇجۇ يېغىلىقىدا، تەمتەكلىك سودا ئاخىر توختىتىلغان.