Uyghur主要词典
تەم سەزگۈچىسى
بىئولوگىيە
<تەم غۇنچىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەم تۇيغۇسى رېتسېپتورلىرى. ئۇ تۇخۇم شەكلىدىكى كىچىك تەنىچىلەر بولۇپ، گۈل غۇنچىسىغا ئوخشايدۇ. ئىچىدە تەم سەزگۈچى ھۈجەيرىلەر (ئۇنىڭ ئۇچىدا مىكروتىۋىتلىرى بولىدۇ) تىرەك ھۈجەيرىلىرى ۋە ئاساس ھۈجەيرىلەر بولىدۇ. ھەممىسى شىللىق پەردە ئېپتېلىيىسىگە چۆكۈپ تۇرىدۇ. تۆپىسىدە تەم تۆشۈكى بولۇپ، شىللىق پەردىنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئېغىز ئاچقان، ئاساسەن تىلغا تارقالغان، يۇمشاق تاڭلاي، يۇتقۇنچاق ئارقا دىۋارى ھەم كېكىرتەك قاپقىقى ئېپىتېلىيىسىگىمۇ ئاز مىقداردا تارقالغان. دائىرىلىك شورىغۇچتا ئەڭ كۆپ بولىدۇ. شۆلگەيدە ئېرىگەن ماددا مولېكۇلىلىرى تەم سەزگۈچى ھۈجەيرىلىرىنىڭ مىكروتىۋىتلىرىدىكى ئالاھىدە سەزگۈ قوبۇللىغۇچى ماددىلار بىلەن تەسىر كۆرسىتىشكەندە تەم سەزگۈچى ھۈجەيرىلەر غىدىقلىنىش (قوزغىلىش) ھاسىل قىلىپ، نېرۋىلار ئارقىلىق مېڭىدىكى تەم سېزىمى مەركىزىگە يەتكۈزۈلىدۇ ۋە تەم سەزگۈسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەم غۇنچىسى ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەتتىكى خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ غىدىقلىشى (تەسىرى) گە ئۇچراپ چۈچۈمەل، تۇزلۇق، ئاچچىق، تاتلىقتىن ئىبارەت تۆت خىل ئاساسىي تەم سەزگۈسىنى ھاسىل قىلالايدۇ.