Uyghur主要词典
تەمىنلىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتكە كېرەكلىك نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بەرمەك .
ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاق ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش تولۇق كاپالەتكە ئىگە. ئىشىمىزنى كېرەكلىك ماتېرىيال بىلەن قامداش تەلەپ قىلىندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
لازىملىق نەرسىلەرنى تەييار، تەخ قىلىپ يەتكۈزۈپ بەرمەك.
ئۆزۈمنى ئالسام، ئىككى يۈزگە يېقىن ئائىلىنى سۈت بىلەن تەمىنلەيمەن.
مەلۇم مەنبە ياكى نەرسە بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئۇنىڭدىن خەۋەردار قىلماق، ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرمەك، ئۇنىڭغا ئىگە قىلماق.
بۇ ئەھۋاللار ئوسماننى بۇ مەسىلە توغرىسىدا يەنە بىر يېڭى پاكىت بىلەن تەمىنلىدى.