ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېھتىياجلىق ئاشلىق، ماي قاتارلىق ئوزۇقلۇق.
تەمىنات ئامبىرى. تەمىنات ئالماق.
ھازىر بىزنىڭ بەش كۈنلۈكلا تەمىناتىمىز قالدى.
ياشاش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان پۇل، ئوزۇقلۇق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق نەرسىلەر.
ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولماسلىق كېرەك.
كۈندىلىك لازىمەتلىكلەرنى تەييارلاپ يەتكۈزۈپ بېرىش.
تەمىنات بۆلۈمى. تەمىنات ئىشلىرى.
كۆچمە. مەنىۋى، روھىي ئوزۇق.
ئاتىسىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ياخشى تەمىناتلارنى بېرەتتى.