Uyghur主要词典
تەجرىبە ئۇسۇلى
پسىخولوگىيە
بۇ پسىخولوگىيىنىڭ تۈپ ئۇسۇللىرىدىن بىرى يەنى تەتقىقات مەقسىتى بويىچە، تىزگىنلەنگەن شارائىت ئاسىتىدا، تەجرىبە ئوبيېكتىنىڭ مەلۇم خىلدىكى پىسىخىك پائالىيىتىنى پىلانلىق ھالدا قوزغاپ ياكى ئۆزگەرتىپ ئاندىن ئانالىز، تەتقىقات يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇل كۆزىتىشتىن ئايرىلمايدۇ. ئۇنىڭدا تىزگىنلەنگەن شارائىت ئاسىتىدا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭا تەجرىبە ئۇسۇلىنىمۇ تىزگىنلەنگەن شارائىت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كۆزىتىش دېسەكمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەجرىبە ئۇسۇلى ئانالىز بىلەن سېلىشتۇرۇشنى پۇختا ئىشلەپ ئىلىمي ماتېرىيالغا ئېرىشىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇل تەجرىبىخانىدا تەجرىبە قىلىش بىلەن تەبىئىي تەجرىبە قىلىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.