Uyghur主要词典
تەجرىبە بىئولوگىيىسى
بىئولوگىيە
ئومۇمەن، ھاياتلىق ھادىسلىرىنى تەجرىبە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىدىغان پەنلەرنى كۆرسىتىدۇ. تەجرىبە بىئولوگىيىسى فىزىكا، خىمىيە نەزەرىيسى ۋە تېخنىكىسىنىڭ بىئولوگىيىدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىشىغا ئەگىشىپ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ھازىرقى زامان بىئولوگىيە ئىلمىدە ئېلېكترونلۇق مىنكروسكوپ X نۇرى دىفىراكسىيە ئەسۋابى ۋە ئۆتە سۈرئەتلىك سېترىفۇگ قاتارلىق ئىلغار تەجرىبە ۋاستىلىرىنىڭ بارغانسېرى نازۇكلىشىشى بىلەن ھاياتلىق ھادىسىلىرى ۋە ئۈنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش بارغانسېرى چوڭقۇرلاشماقتا. تەجرىبە بىئولوگىيىسى، تەجرىبە مورفولوگىيىسى، تەجرىبە ئېمبرىئولوگىيىسى، تەجرىبە فىزىئولوگىيىسى، تەجرىبە گېنىتكىسى قاتارلىق تارماق پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىنقى يىگىرمە يىلدىن بۇيان مولېكۇلا بىئولوگىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلشىغا ئەگىشىپ، زىچلىق گرادىئېنتى بويىچە سېنترىفوگلاش، كوللوئىدلارنى فىلىتىرلاش ۋە ئېلېكترو فورېز، ئىزوتوپلۇق بەلگە سېلىش، مولېكۇلىلارنى شالغۇتلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەڭ يېڭى ئانالىز قىلىش تېخنىكىلىرى بارلىققا كېلىپ، ئاقسىل بىلەن نۇكلېئون كىسلاتاسىنىڭ ھۈجەيرىنى قۇرغۇچى ئەڭ ئاساسلىق ماددا ئىكەنلىكىنى شەرھلىدى. بۇنىڭ بىلەن، ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى تەجرىبە بىئولوگىيىسى ئىچىدىكى ئەڭ جانلىنىۋاتقان تەتقىقات ساھەلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى.