Uyghur主要词典
تەھقىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرەر نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى ئىزدەش، تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش، سۈرۈشتۈرۈش، ھەقىقەتلەش؛ ھەقىقەتەن:
ھەقىقەتلىك، راستلىق:
1. تەھقىقى جەھەننەم بولۇش مەنزىلى،
ئەزابلارنى كۆرگەي بۇ يولنىڭ ئېلى.
ئا. نىزارى.
2. ئاغزى تەھقىقدە كۆپدىن بار ئىدى كۆڭلۈمدە شەك،
ناگەھان شەكدىن چىقاردى لۇتف بىرلە خەندەسى.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەكشۈرمەك، تەتقىق قىلماق؛ جارلىماق، سوراق قىلماق (كۆپلۈكى <تەھقىقات>).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ھەرىكەتكە مۇئەييەنلىك بېرىدۇ.
چوققىغا چىقىمەن دېگەن ئادەم جەزمەن يول تاپالايدۇ. تۈن ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، چوقۇم تاڭ ئاتىدۇ. توپىلانغاننىڭ تارقىلىشى مۇقەررەر. ھەر قاچان دۈشمەندىن قاچقاندا لەشكەر، سۇلتانىغا يەتكەچ توختار مۇقەررەر. دوست بىلەن دۈشمەننى ئېنىق ئاجرىتىش مۇھىم مەسىلە. بىز سۆزسىز غەلبە قىلىمىز. بۇ پىلان شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ. دۈشمەننىڭ يېڭىلىشى، بىزنىڭ يېڭىشىمىز تەھقىق.ئىشىمىزنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى تۇرغان گەپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش - ئېنىقلاش.
ئەرزلەرنى تەھقىق قىلىش.
تىر <ئەلۋەتتە، ھەقىقەتەن، مۇقەررەر، جەزمەن> دېگەن مەنىدە قىستۇرما رولىدا كېلىدۇ.
ئەنە شۇ دەرەخنى ئۆز مەيلىگە تاشلىۋەتسە، تەھقىق قۇرۇپ تۈگەيدۇ.