Uyghur主要词典
تەھلىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئانالىز.
ئېرىتىۋېتىش.
مۇرەككەپ بىر نەرسىنى بۆلەكلەرگە ئاجرىتىپ تەكشۈرۈش.
تەڭرىنىڭ ئىسىمىنى زىكرى قىلىش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئايرىماق، بۆلەكلىمەك، يەشمەك، ئاچماق؛ ھەزم قىلماق، تارقاتماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر شەيئى، ھادىسە ۋە ئۇقۇمنى ئاددىي تەركىبلەرگە ئايرىپ، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى تېپىش ئۇسۇلى.
« ئانالىز » كۆپرەك تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئىشلىتىلىدۇ.
كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىش كېرەك. ئۆلۈك ھالدا يادقا ئالماي، ئانالىز قىلىش يولى بىلەن ھاسىل قىلىنغان بىلىم ھەقىقىي بىلىمدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىش ياكى مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەر تەرەپلىمە ئويلىنىلغان پىكىر، ئانالىز.
برەر يېڭى خەۋەر ئاڭلاپ قالسا، دەرھال ئىككىسى بېشىنى بىر يەرگە قىلىپ، بۇ ھەقتە تەھلىل يۈرگۈزەتتى.
<پەلس> بىرەر شەيئى، ھادىسە ياكى ئۇقۇمنى بىر قەدەر ئاددىي تەركىبىي قىسىملارغا ئايرىپ، شۇ قىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلەرنى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلارنى تېپىپ چىقىش.