Uyghur主要词典
تەھاۋىييە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ئىلمىي تەۋھىد ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، Ⅸ - Ⅹ ئەسىرلەردە مىسىردىكى مەشھۇر مۇتەكەللىمۇن تەھاۋى (854 - 933) قۇرغان. ئەشئەرىيە، ماتۇرىدىيە بىلەن قۇشۇلۇپ سۈننىي مەزھىپىدىكى ئۈچ چوڭ ئىلمىي تەۋھىد ئېقىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسىرى كېچىكرەك بولۇپ، مىسىر بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ ئېقىم سۈننىي مەزھىپىىڭ مۇئتەزىلىيە، خاۋارىجلار، جەھمىيە ۋە شىئە مەزھىپىگە قارشى كۈرەشتە شەكىللەنگەن يەرلىك خاراكتېردىكى ئىلمىي ئېقىم بولۇپ، ئەقىدە جەھەتتىكى ئىدىيە سىستېمىسىدا ئەشئەرىيە بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن ئوتتۇرىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت. تاھاۋى <ئەقىدە> ناملىق ئەسەر يېزىپ، بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسىنى ۋە تەلىماتىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، باشقا مەزھەپلەر، ئېقىملارنىڭ <بىدئەد تەلىماتلرى> غا رەددىيە بېرىپ، بۇ ئېقىمغا ئىدىيىۋى ئاساس سېلىپ بەردى. گرېك پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى لوگىكىلىق پىكىر ئۇسۇلى بىلەن دەلىللەش ۋە قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ راتسىئونالىزمغا، <ئىرادە ئەركىنلىكى> نەزەرىيىسىگە ۋە <قۇرئان كەرىم يارىتىلغان> دېيىشىگە قارشى تۇردى. بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسىي ئەقىدە تەشەببۇسى مۇنداق: (1) ئاللاغا، كىتابقا، پەرىشتىلەرگە، پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىش؛ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە، جەننەتكە، دوزاخقا ۋە ئاخىرەتتىكى سوراققا ئىشىنىش، ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ، يامانلىقتىن توسۇش لازىم: ھەقىقىي ئېتىقادقا كاللىدا ئىشىنىش، دىلدا تونۇش، سۆزدە ئىپادىلەشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. ۋەھىي بىلىملەرنىڭ بولۇشىنى ئېتىقاد دېگىلى بولمايدۇ. (2) ئاللانىڭ دۇنيادىكى مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچى ئىكەنكلىكىگە، ئاللا ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنى يارىتىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق شەيئىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە، شەيئىلەرنىڭ ئىپتىدائىي شەكلىنىڭمۇ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە؛ ئاللانىڭ تەنھا مەۋجۇتلۇقىغا، ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىپ، ئاللاغا ھەر قانداق شەكىلدىكى شىرىك كەلتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش لازىم؛ ئاللادا ئىرادە، بىلىم، قۇۋۋەت، تىل، ھەرىكەت، ئىجاد قىلىش قاتارلىق سۈپەتلەر ۋە گۈزەل ئىسىملارنىڭ بارلىقىغا، ئاللانىڭ مۇشۇ سۈپەتلەر ۋە گۈزەل ئىسىملار بىلەن جىمى مەۋجۇداتلارنى ياراتقانلىقىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن ئۆلۈم - يېتىملىك بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىش لازىم. (3) <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئاللانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە، كىتابقا يېىزلىپ، خاتىرىدە ساقلىنىپ، تىلدا ئوقۇلىدىغانلىقىغا، پەرىشتە ئارقىلىق دۇنياغا نازىل بولغانلىقىغا ئىشىنىش لازىم. <قۇرئان كەرىم> يارىتىلغان ئەمەس. لېكىن، كىشىلەرنىڭ ئوقۇش، يېزىش، قىرائەت قىلىش ئىقتىدارى، ھەرىكىتى يارىتىلغان بولىدۇ. بۇ ئېقىمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى باشقا مەزھەپلەر ۋە ئېقىملار بىلەن بولغان ئاساسىي ئىختىلابى شۇكى، بۇ ئېقىم پىكرەنلىك ئۇسۇلىنى ئەنئەنىۋى ئېتىقادنى دەلىللەشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ، مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ راتسىئونالىزىم خاھىشىغا ۋە خاۋارىجلارنىڭ گۇناھى كەبىر سادىر قىلغانلار مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ، دېگەن قارىشىغا قارشى تۇردى. گۇناھى كەبىر سادىر قىلغانلار يەنىلا مۆمىن ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى؛ ئاللانىڭ ئېسىل سۈپەتلىرىگە ۋە گۈزەل ئىسىملارغا ئىگە ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەندى؛ شىئە مەزھىپىنىڭ ھەزرىتى ئەلىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ھەزرىتى ئەلىدىن بۇرۇنقى ئۈچ خەلىپىنى سۇندۇرىدىغان كۆز قارىشىنى قوللىمىدى. تۆت خەلىپىنى مۇسۇلمانلارنىڭ داھىيىسى دەپ قارىدى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى ئىلمىي تەۋھىد ئېقىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، Ⅸ - Ⅹ ئەسىرلەردە مىسىردىكى مەشھۇر مۇتەكەللىمۇن تەھاۋى (854 - 933) قۇرغان. ئەشئەرىيە، ماتۇرىدىيە بىلەن قۇشۇلۇپ سۈننىي مەزھىپىدىكى ئۈچ چوڭ ئىلمىي تەۋھىد ئېقىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسىرى كېچىكرەك بولۇپ، مىسىر بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ ئېقىم سۈننىي مەزھىپىىڭ مۇئتەزىلىيە، خاۋارىجلار، جەھمىيە ۋە شىئە مەزھىپىگە قارشى كۈرەشتە شەكىللەنگەن يەرلىك خاراكتېردىكى ئىلمىي ئېقىم بولۇپ، ئەقىدە جەھەتتىكى ئىدىيە سىستېمىسىدا ئەشئەرىيە بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن ئوتتۇرىدا ئىختىلاپ مەۋجۇت. تاھاۋى <ئەقىدە> ناملىق ئەسەر يېزىپ، بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسىنى ۋە تەلىماتىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، باشقا مەزھەپلەر، ئېقىملارنىڭ <بىدئەد تەلىماتلرى> غا رەددىيە بېرىپ، بۇ ئېقىمغا ئىدىيىۋى ئاساس سېلىپ بەردى. گرېك پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى لوگىكىلىق پىكىر ئۇسۇلى بىلەن دەلىللەش ۋە قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ راتسىئونالىزمغا، <ئىرادە ئەركىنلىكى> نەزەرىيىسىگە ۋە <قۇرئان كەرىم يارىتىلغان> دېيىشىگە قارشى تۇردى. بۇ ئېقىمنىڭ ئاساسىي ئەقىدە تەشەببۇسى مۇنداق: (1) ئاللاغا، كىتابقا، پەرىشتىلەرگە، پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىش؛ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە، جەننەتكە، دوزاخقا ۋە ئاخىرەتتىكى سوراققا ئىشىنىش، ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ، يامانلىقتىن توسۇش لازىم: ھەقىقىي ئېتىقادقا كاللىدا ئىشىنىش، دىلدا تونۇش، سۆزدە ئارلىق كىشىلەر غايىۋى دۆلەتنىڭ ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار مۇنداق قارىدى: <پەزىلەتلىك يۇرتلار> جەمئىيىتىدە پادىشاھ دانىشمەن، زېرەك ۋە مۇكەممەل ئادەم بولۇشى، پۇقرالار مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە ۋە تەربىيە ئالغا بولۇشى كېرەك. كىشىلەر ئارا باراۋەر بولۇشى، مال - مۈلۈككە ئادىل ئىگىدارچىلىق قىلىشى، ئىناق ياشىشى، جەمئىيەت (دۆلەت) نىڭ ۋەزپىسى پۇقرالارنىڭ پاراۋانلىقىنى قاندۇرۇشتن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. ئىبنى خەلدۇن ئىجادىي خاراكتېرلىك تارىخىي پەلسەپە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەبىئىي شارائىت، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە تۇرمۇش شەكلى قاتارلىق ئامىللارنىڭ جەمئىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى يېڭى ئەپلاتونىزم تەرىپىدىن بۇرمىلىۋېتىلگەن ئارىستوتېل تەلىماتىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئارىستوتېلنىڭ تەبىئەت قارشى ۋە ئىلىم - پەن قارىشى جەھەتتىكى ساددا ماتېرىيالىستىك ۋە دىئالېكتىك ئىدىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى پەلسەپە ئىدىيىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا زور تۆھپە قوشتى. بۇ ئېقىمدىكى ئالىملارنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى Ⅻ ئەسىردە ئىسپانىيە ئارقىلىق، ياۋروپاغا تارقىلىپ، شەرق بىلەن بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، غەربىي ياۋروپانىڭ پەلسەپە ۋە ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر ئىبنى روشىدنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرى غەربكە تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئىتالىيە ۋە فرانسىيىدە ئاۋېرروئىسچىلىق ئىلمىي ئېقىمى شەكىللىنىپ، ياۋروپانىڭ ئىدىيە ساھەسىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى.