Uyghur主要词典
تەھاۋى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەبۇ جەئفەر ئەھمەد تەھاۋى، 854 - 934)مۇتەكەللىمۇن. سۈننىي مەزھىپىدىكى تەھاۋىيە ئىلمىي ئېقىمىنى بەرپا قىلغان ئادەم. مىسىردىكى تەھا شەھىرىدىن. ئەشئەرى. ماتۇرىدى بىلەن ئەنئەنىۋى ئىلمىي تەۋھىدكە ئاساس سالدى. ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ئاللانىڭ يارىتىشنى ۋە ئادەمنىڭ ئىگە بولۇشىنى مەنبە قىلىدۇ. ئادەمنىڭ قۇدرىتى يەتمىسىمۇ ئادا قىلىشقا زورلايدىغان ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئادا قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان مەسئۇلىيىتى مەجبۇرىدۇر، دەپ قارىدى. <ھەدىس ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار توغرىسىدا ئىزاھات> ناملىق ئەسەر يازدى.