Uyghur←Chinese主要词典
تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
生产 , 销售不符合卫生标准的化妆品罪
shēng chǎn , xiāo shòu bù fú hé wèi shēng biāo zhǔn de huà zhuāng pǐn zuì
بۇ - تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پەرداز بۇيۇملىرىنى نازاۋەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئائىت تۈزۈمى ۋە خاسلىققا ئىگە بولمىغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغان ياكى تازىلىق ئۆلچىمىەە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
148 - ماددا تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغان ياكى تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
150 - ماددا ۋە 149 - ماددىلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 69 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.