Uyghur←Chinese主要词典
تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
生产 , 销售不符合卫生标准的食品罪
shēng chǎn , xiāo shòu bù fú hé wèi shēng biāo zhǔn de shí pǐn zuì
بۇ - تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان، يېمەكلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى ياكى يېمەكلىكتىن بولىدىغان باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ يېمەكلىكلەر تازىلىقىنى باشقۇرۇشقا ئائىت تۈزۈم ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە يېمەكلىكلەر تازىلىقىنى باشقۇرۇش قانۇن - نىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىپ، يېمەكلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى ياكى يېمەكلىكتىن بولىدىغان باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇن) بولىدۇ.
4. سۇبېيكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
142 - تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلاردىن يېمەكلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى ياكى يېمەكلىكتىن بولىدىغان باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگ ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
150 - ماددا ۋە 149 - ماددىلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 69 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.