Uyghur主要词典
تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولماس
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، بىراۋنىڭ كۆڭۈل مايىللىقى، ئىختىيارلىقى بولمىغان، ئىشتىياقى چۈشمىگەن ئىشنى قىلىشقا زورلاش، مەجبۇرلاش بىلەن ئورۇندىغىلى بولمايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: - كۆڭۈلنى باغلاپ قويغىلى، قەپەسكە سولاپ قويغىلى بولمايدۇ، تاشنى تاياققا تاڭسا مىڭ يىلدىمۇ بىرىكمەيدۇ. مېنى، ئۆزۈڭنى، يەنە ئۇنىمۇ قىينىما. بۇ تۆت كۈنلۈك ئالەمدە بىر - بىرىمىزنىڭ قېنىغا پاتاڭ سالماي تەڭ ياشايلى، - دېدى ئۇ.