Uyghur主要词典
تاشلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قولىدىكى نەرسىنى قولدىن نېرىغا كەتكۈزمەك.
«جىغىماق» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
توپقا قاراپ تاش ئاتما. تاش ئاتقانغا ئاش ئات. ئاچلىقتىن ئۆلسەڭ ئۆل، ئاتا - ئاناڭنى تاشلىما. توپنى ماڭا چۆرۈ. تاشنى ئىرغىرىپ ئويناش خەتەرلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
نەرسىلەرنى يەرگە، پەسكە قارىتىپ چۈشۈرمەك، ئاتماق.
ئۇ قولىدىكى خەتنى پۇرلاپ - پۇرلاپ يەرگە تاشلىۋەتتى.
چۈشۈرمەك، تۆكمەك.
دەرەخلەر غازاڭ تاشلىۋەتتى.
ئۈستىدىن ئاشۇرۇپ، ئارتىلدۇرۇپ قويماق؛ سالماق، ياپماق.
پادىچى نان خالتىسىنى مۈرىسىگە تاشلاپ يولىغا ماڭدى.
ۋاز كەچمەك، خاتىمە بەرمەك، تەرك ئەتمەك.
ئۇ بىر چاغلاردا جان بېقىشنىڭ تەسلىكىدىن يۇرتىنى تاشلاپ، ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كەتكەنىدى.
بىرەر جايدا قالدۇرماق ياكى بىر كىمنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەك.
ئىككى يىل بۇرۇن تۇغقانلارنىڭكىگە ئىككى تۇياق قوزىچاقنى ئاپىرىپ تاشلىۋېدىم، بۇ يىل يوغان ئىككى قوي بولغاندا ياندۇرۇپ ئەكەلدىم.
ئۆزىنى ئاتماق.
ئۇ ئاران ئورنىدىن تۇرۇپ كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى.
كۆچمە. قويماق، بەرمەك، سورىماق.
سوئال تاشلىماق.
ئىرغاڭلىماق، چايقالماق.
ئۇ بالا ئۆزىنى ئىككى يانغا تاشلاپ ماڭىدۇ.
چۈشۈرمەك، پەيدا قىلماق (سايە ھەققىدە).
يوغان تېرەك ئەتراپلارغا سايە تاشلاپ تۇراتتى.
پېئىلنىڭ رەۋىشداش شەكىللىرى بىلەن تۈس ياردەمچىسى رولىدا كېلىپ: 1( ھەرىكەتنىڭ تېز ھەم كەسكىن بېجىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئېتىپ تاشلىماق. قىرىپ تاشلىماق.
2) ھەرىكەتنىڭ تاسادىپىي، ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
دەپ تاشلىماق. كۈلۈپ تاشلىماق.
بەزى ئىسىملارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
بالا تاشلىماق. سالما تاشلىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تاش بېكىتمەك، ئورناتماق، تاش قاپلىماق.
كىتاب تاشلىماق. جۇۋا تاشلىماق.