Uyghur主要词典
تاش ھۈجەيرە
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈكتىكى مېخانىكىلىق توقۇلمىنىڭ بىر خىلى. ھۈجەيرىسى دۈگىلەك، سوزۇنچاق ياكى رەتسىز شاخلانغان بولىدۇ، ھۈجەيرە پوستى ئالاھىدە قېلىنلاشقان ۋە ياغاچقا ئايلانغان بولۇپ، كەسمە يۈزىدە ئوخشاش ئوقلۇق ھالقىلار بولىدۇ. تار ئوزۇنچاق يالغۇز پۈرۈملۈك، تۆشۈكى ئېرىقسىمان، قېلىن پوستىنى تېشىپ ئۆتۈپ تار كىچىك ھۈجەيرە بوشلۇقى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. تىرىك پروتوپلازما بولمايدۇ. غول يوپۇرماق، مېۋە ۋە ئۇرۇققا تاق ياكى توپلاشقان ھالەتتە تارقىلىدۇ. ياڭاق، شاپتۇل، كوكۇس پالمىسىنىڭ ئچىكى مېۋە پوستى ۋە نەشپۈتنىڭ مېۋە گۆشىدىكى قاتتىق دانىچىلەر تاش ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ.