Uyghur主要词典
تارىخ ئىلمى
دۇنيا تارىخى
ئادەتتە ئىلمىي تارىخشۇناسلىقنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلىك جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كونكرېت جەريانى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتچانلىقىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەن. ماركسىزدىن ئىلگىرى، دۇنيادىى ھەرقايسى ئەللەردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مول تارىخىي ماتېرىياللار ۋە تارىخىي ئەسەرلەرنى جۇغلاپ ھەر خىل تارىخشۇناسلىق ئىلىملىرىنى (تارىخشۇناسلىققا قارالسۇن) مەيدانغا كەلتۈرگەن. لېكىن ئۇ چاغلاردا، دەۋر ۋە سىنىپىي چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن، قەتئىيرەك قىلىپ ئېيتقاندا تارىخشۇناسلىق تېخى بىر پەن بولمىغان. ماركس ۋە ئېنگېلس دىئالېكتىك ماتېرىيالىزمنى تارىخ تەتقىقاتىغا تەتبىقلاپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنۇنىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىپ، تارىخىي ماتېرىيالىزمنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي فورماتسىيىلەرنىڭ يۈز بېرىش، راۋاجلىنىش ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشنىڭ مۇقەررەرلىكىنى، يەنى ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىدىن قۇللۇق تۈزۈم، فېئوداللىق تۈزۈم، كاپىتالىستىك تۈزۈمنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ سوتسىيالىزمغا كىرىش ھەمدە كوممۇنىزمغا ئۆتۈشنىڭ مۇقەررەر جەريان ئىكەنلىكىنى، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى جەمئىيەتتىكى تۈپ زىددىيەت، يەنى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسىنىڭ زىددىيىتى ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئورنى ۋە رولىنى ئېچىپ بېرىپ، تارىخ ئىلمىنى ھەقىقىي پەنگە ئايلاندۇردى، ماركسىزملىق تارىخ ئىلمىنىڭ ۋەزىپىسى، ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى تېپىش ۋە چۈشەندۈرۈش، تارىخىي تەرەققىيات جەريانلىرىنى شەرھلەش، تارىخىي بىلىملەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنى بىلىش، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ ئىنقىلابىيلىق بىلەن ئىلمىيلىكنىڭ بىرلىكىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرىدۇ ھەمدە تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەيدۇ.