Uyghur主要词典
تارىختىن بۇرۇنقى تارىخشۇناسلىق
دۇنيا تارىخى
يېزىق تارىخى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىنسانىيەت تارىخى باسقۇچلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. بۇ تارىخىي باسقۇچ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخ دەپ ئاتىلىدۇ. ئاساسەن خارابىلەر، ئاسائەتىقىلەر ھەم ئىنسانىيەتنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىدىن قېپقالغان ئىزلارنى ئارخېئولوگىك تەكشۈرۈش، قېزىش ئارقىلىق بۇ تارىخىي باسقۇچتىكى ئىنسانىيەت تۇرمۇشى، جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىدۇ.