Uyghur主要词典
تارتۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم(«تارت» قا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «ئۇق» قوشۇلغان).
ھەدىيە، سوۋغات.
تارتۇق تارتماق. * تارتۇقلىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يارا ئىزى.
تارتۇق چۈشمەك. * تارتۇق قالماق. * ئېرى تارتۇقنىڭ خوتۇنى پۇچۇق (ماقال). * مەن كۆرمىگەن يېرىڭ بارمۇ، سېڭار يېرىڭ تارتۇق.
«تارتۇق» تىن بىر تەجنىس:
سەن تۇرمىغاي ئەلگە ئىشلەپ بولساڭ يۈز تارتۇق،
بىلگىن ئۇنى چىن يادىكار _ ئەل بەرگەن تارتۇق.
_ ئەركىن ئەبەيدۇللا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆرمەتلەپ، تەبرىكلەپ سۇنۇلغان نەرسە.
سوۋغات بەرگەنگە ئىشەنمە. سەن سوۋغىغا سېتىۋالغان دوستنى خەقمۇ سوۋغىغا سېتىۋالالايدۇ. يىللار بىزگە تەجرىبە سوۋغا قىلسا، كىتاب بىزگە بىلىم سوۋغا قىلىدۇ. تارتۇق قىممەتلىك ئەمەس، كۆڭۈل قىممەتلىك. ھەدىيە قىل، مىننەت قىلما.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تارتۇق.
ياغما يۇرتىدا بىر شەھەرنىڭ نامى.
1 - 611
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىركىمگە ئىنئام، تەقدىم قىلىنغان نەرسە؛ ھەدىيە، سوۋغا.
تارتۇق قىلماق.
خاننىڭ خىزمەتچىلىرى كۆك يوپۇقلۇق بىر تورۇق ئاتنى ئەكىلىپ، دارۋاز بالىغا تارتۇق قىلدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ھەدىيە، تەقدىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ھەدىيە، تەقدىم؛ تەقدىم قىلغۇچى، باشقىلارغا خەير-ئېھسان قىلغۇچى يىگىت.