Uyghur主要词典
تارتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغرلىقى ئۆلچەيدىغان ئەسۋابلاردا ئۆلچىمەك.
ئېغىرلىقنى تارتىقا بىلەر. جىڭلاپ يېگەن گۆشتە بەرىكەت يوق. ئاشلىقنى گىرلەش ئاسان ئەمەس.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<تاتماق> قا قاراڭ؛ ئالماق؛ چەكمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنى قول بىلەن تۇتۇپ، ئۆزى تەرەپكە سۆرىمەك ياكى سۆرەشكە ھەرىكەتلەنمەك.
قولىدىن تارتماق، ھېيتئاخۇن ھەنىپەمنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۆيدىن ئاچىقىپ كەتتى.
ئارقىسىغا تىركەپ چېتىلغان ياكى قوشۇلغان نەرسىنى، يۈكنى كۈچ بىلەن ئالدىغا سۆرىمەك؛ ئالغا ئىلگىرىلەتمەك.
تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ (ماقال).
سۇغۇرماق، يۇلماق.
چىش تارتماق
تىلماق.
شال تارتماق.
<فىز> جىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى تارتىش كۈچى ئارقىلىق ئۆز تەۋەسىگە مايىل قىلماق؛ سۆرىمەك.
ماگنىت تۆمۈرنى ئۆزىگە تارتىدۇ.
كۆچمە. ئۆزىگە قاراتماق، جەلپ قىلماق.
سادىقنىڭ دوكلاتى ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
خالىماق.
كۆڭلۈم تاۋۇز تارتىۋاتىدۇ.
يۈرىكىم ساڭا تارتىدۇ.
قىلماق؛ ئارتماق، يۈكلىمەك.
سوراققا تارتماق، جازاغا تارتماق، جاۋابكارلىققا تارتماق.
ياپماق، قاپلىماق، پۈركىمەك.
نىقاب تارتماق. چۈمپەردە تارتماق.
سۈمۈرمەك، شورىماق.
ناسوس بىلەن سۇ تارتماق، تاماكا تارتماق.
مېھمانلار ئۈچۈن تەييارلانغان غىزا - تائاملارنى تارقاتماق، قويماق.
ئاش تارتماق.
ئېغىرلىقنى ئۆلچىمەك، جىڭلىماق.
گۆشنى جىڭغا سېلىپ تارتىپ كۆرمەك. ئۈزۈمنى جىڭدا تارتماق.
ئۇزۇن، سوزۇنچاق نەرسىلەرنى بىرەر يۆنىلىشتە ئورناتماق، بېكىتمەك.
ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار (ماقال).
سىزىق شەكلىدە ئىز چىقارماق، سىزماق.
زەي تارتماق.
دانلىق ئاشلىقنى تۈگمەندە، زاۋۇتتا يۇمشىتىپ ئۇنغا ئايلاندۇرماق، مايلىق داننى جۇۋاز ياكى زاۋۇتتا ياغقا ئايلاندۇرماق.
دەرۋەقە، ئۆينىڭ ئىچىدە ئايرىم - ئايرىم ئۇن ۋە ياغ تارتىش ماشىنىلىرى ئىشلەپ تۇراتتى.
ئازايتماق، كېمەيمەتمەك؛ چەكلەپ قويماق.
مائاشتىن تارتىپ قالماق. كەسپىي خىراجەتتىن پۇل تارتماق.
جىسمانىي تۈزۈلۈش ياكى مەنىۋى جەھەتتىن ئاتا - ئانا ھەم ئۇرۇق - تۇغقانلرغا ئوخشىماق.
بۇ بالىنىڭ كۆز قاپىقى ئانىسىنى تارتىپتۇ.
بىرەر نەرسىنىڭ شەكلىنى، ئىزناسىنى چىقارماق؛ چۈشۈرمەك.
سۈرەتكە تارتماق.
كۆچمە. بىرەر مەسئۇلىيەت ياكى ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماق، سىرتتا تۇرماق.
كۆزۈڭ ئاغرىسا، قولۇڭنى تارت، قورسىقىڭ ئاغرىسا، نەپسىڭنى تارت (ماقال).
كۆچمە. مەلۇم زىيان، كۈلپەت، ئازابلىنىش قاتارلىقلارغا ئۇچرىماق؛ مەلۇم قىيىن ئەھۋالدا قالماق.
زىيان تارتماق، ئازاب تارتماق، دەرد تارتماق، يالغۇزچىلىق تارتماق.
ئۆسمەك، سۈرمەك، پېلەكلىمەك.
يىلتىز تارتماق، بوي تارتماق.
يازلىق قوغۇنلار پېلەك تارتتى، يالدۇر تېرىلغان تاۋۇزلار ئۇچ تارتتى.
بەزى سۆزلەرگە قوشۇلۇپ كېلىپ، ئۇلارنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
قوشۇن تارتماق، سەپ تارتماق.