Uyghur主要词典
تاپتىن چىقماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
قانۇن - قائىدە، تەرتىپ - ئىنتىزام، پرىنىسىپ، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىش قىلماق، ھەددىن ئېشىپ كەتمەك: ئۇ ئىچىدە سەلىم ئەپەندىنى بىر ئاز تاپتىن چىقىپ كەتتى، دەپ ئەيىبلىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزىنى ھاۋاز بەختى ئېيتقاندەك، ئوقۇغۇچىلارنى زەھەرلىگەن سۆز دەپ قارىمايتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قانۇن - قائىدە، تەرتىپ - ئىنتىزام، پرىنسىپ، بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىش قىلماق؛ ھەددىدىن ئېشىپ كەتمەك.
ياشلار تاپتىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ، زامان ئۇنداق كېتىۋەرمەس، ئوڭشىلىپ قالار.